كولومبىيە پىرېزىدېنتى ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنى قارار قىلدى

كولومبىيە پىرېزىدېنتى گۇستاۋ پېترو ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش قارارىنى قوللىدى.

2135818
كولومبىيە پىرېزىدېنتى ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇستاۋ پېترو ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆكتىچىلەرنىڭ كولومبىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش قارارى توغرىسىدىكى تەنقىدىگە جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

«ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان بىر پەيتتە مۇناسىۋەتنى ئۈزمەسلىك ھەرقانداق بىر نورمال ئادەم قوبۇل قىلالايدىغان ئەھۋال ئەمەس. دەرۋەقە، نۆۋەتتە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىنىۋاتىدۇ، ھالبۇكى، ھەممىمىز ئىنسانمىز.»

كولومبىيە ئىسرائىلىيە غەززەدىكى پەلەستىن خەلقىگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى سەۋەبلىك  5-ئاينىڭ 3-كۈنى (2024) ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ھۆكۈمەتنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش قاراى، كولومبىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتلىرى ئىۋان دۇك ۋە جۇان مانۇئېل سانتوس تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىد قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر