رۇسىيەنىڭ ئۇچقۇلىرى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇلار بىلەن ئۇكرائىنا زېمىنلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ 14-مارت (2024) كېچىدە خاركىۋ ۋە دونېتسك رايونلىرىغا يەتتە دانە «S-300/S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى، پولتاۋا رايونىغا «X-59» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى، ئوخشىمىغان رايونلارغا 27 دانە «شاھېد» (Şahed( ناملىق ئۇچقۇلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا، بارلىق ئۇچقۇلارنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
كىيېۋ شەھىرىنىڭ ھەربىي ئىشلارغا مەسئۇل باشلىقى سېرگېي پوپكو 15 ئۇچقۇنىڭ كىيېۋ ھاۋا تەۋەلىكىگە يېقىن جايدا ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى، ھۇجۇمدا ھېچقانداق زىيان-زەخمەتنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئۇكرائىنا ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى ئولېكساندىر سىرسكىي ئجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدا ئالدىنقى سەپنىڭ يېڭى ئەھۋالى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرلىدى.
ئۇ رۇسىيە ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتىۋاتقان ئاۋدىيىۋكا يۆنىلىشىدىكى ھەربىي قىسىملارنى زىيارەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «رۇسىيە بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئۈچ بىرىگادانىڭ مۇداپىئەسىنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ھەر كۈنى پىيادە قىسىملارنى ياكى ماشىنىلاشقان قىسىملىرىنى ئەۋەتىۋاتىدۇ» دېدى.
2022-يىلى 24-فېۋرال پۇتىننىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرۈشى بىلەن، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى رەسمىي باشلانغان ئىدى.
پۇتىن ئۇكرائىنانىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە رۇسىيەنىڭ تەسىر دائىرىسىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇكرائىنانى ھەربىيسىزلەشتۈرۈش ۋە ناتسىستلاردىن تازىلاشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن نۇقتىلارغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.