بايدىننىڭ تىللىشىغا، پېسكوۋدىن جاۋاب كەلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن سايلام سەپەرۋەرلىكى جەريانىدا سۆز قىلغاندا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننى تىللىدى.

2106182
بايدىننىڭ تىللىشىغا، پېسكوۋدىن جاۋاب كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «The Hill» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پىرېزىدېنت بايدىن كالىفورنىيەنىڭ سان فىرانسىسكو شەھىرىدە سايلامغا ئىئانە توپلاش يىغىلىشىدا نۇتۇق سۆزلىگەن.

ئۇ پۇتىن ۋە باشقا بەزى رەھبەرلەر سەۋەبىدىن توختىماي يادرو ئۇرۇشى قورقۇنچىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەسلىدە ئەڭ ماھىيەتلىك مەۋجۇتلۇق تەھدىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ نۇتۇقى جەريانىدا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىنغا ھاقارەت قىلىپ تىللىغان.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پېسكوۋ بايدىننىڭ پۇتىن ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى.

ئۇ: «بۇ خىل سۆزلەر ئامېرىكانىڭ ئىناۋىتىنى تۆكىدۇ دەپ ئويلايمەن، بۇنداق گەپ قىلغۇچىنىڭ ئابرۇيىغىمۇ زىيانلىق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر