سام ئالتمان سۈنئىي ئىدراك ئۈچۈن كونترول مېخانىزمى يولغا قويۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى
سۈنئىي ئىدراك يۇمتالى ChatGPT نىڭ ئىجادچىسى OpenAI شىركىتىنىڭ خوجايىنى سام ئالتمان، سۈنئىي ئىدراك سىستېمىسىنىڭ ھېچقانداق كونترول قىلىش مېخانىزمىسىزلا جەمئىيەتكە سۇنۇشنىڭ زور خەتەرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.
2101925
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سام ئالتمان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا ھۆكۈمەتلىرى باشلىقلار يىغىنى»دا سۈنئىي ئىدراك ھەققىدە سۆز قىلدى؛ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان سۈنئىي ئىدراكنىمۇ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى (IAEA) غا ئوخشاش بىر ئورگان تەسىس قىلىپ نازارەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويغان سام ئالتمان، نىيەت يامان بولمىسىمۇ، بۇ سىستېمىلارنى كونترولسىز ھالدا ئاممىغا سۇنۇشنىڭ ئېغىر خەتەرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى تەكىتلىدى.