ياۋروپانىڭ نۇرغۇنلىغان دۆلەتلىرىدە غەززەنى قوللاش نامايىشى قايتىدىن باشلاندى
ئىتالىيە، گېرمانىيە، ئىسپانىيە، شىۋىتسىيەۋە گرېتسىيەدە غەززەنى قوللاپ، ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەدە يەھۇدىيلار جەمئىيىتىنىڭ بېسىمى بىلەن كېچىكتۈرۈلگەن پەلەستىننى قوللاش نامايىشى، رىم ۋە مىلانو شەھەرلىرىدە ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ چەكلەش قارارىغا پىسەنت قىلماستىن، مىڭلىغان كىشىنىڭ مەيدانلارغا چىقىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى.
پايتەخت رىمدا يۈرۈش باشلىنىدىغان نۇقتا بولغان ۋىتتېرىئو ئېمانۇئېل مەيدانىدا بىر يەرگە جەم بولغان 3000 دىن ئارتۇق نامايىشچى، ھەم نامايىش ھوقۇقىنى چەكلەشكە قارشى، ھەم ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.
نامايىشچىلار پات پات «پەلەستىنگە ئەركىنلىك!» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى.
مىلانودا ۋالىي مەھكىمىسى «(ھولوكوست) چوڭ قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنىگە توغرا كەلدى» دېگەننى باھانە قىلىپ، نامايىشنى چەكلەش قارارى چىقارغانلىقىغا قارىماستىن، مىڭلىغان پەلەستىننى قوللىغۇچىلار لورېتو مەيدانىغا يىغىلدى.
نامايىش جەريانىدا پات-پات جىددىيلىك كۈچەيدى، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئاندا-ساندا نامايىشچىلارغا كالتەك ئىشلىتىپ قاتتىق قوللۇق بىلەن ئارىلاشقانلىقىنى كۆرۈلدى.
گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندىمۇ پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
نامايىشچىلار ئالېكساندىر پلاتز مەيدانىغا يىغىلىپ شەھەر مەركىزىگە يۈرۈش قىلدى.
قوللىرىدا پەلەستىن بايرىقىنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار «پەلەستىنگە ئەركىنلىك!» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى.
ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا بولسا، پەلەستىننى قوللاپ يۈرۈش قىلغان مىڭلىغان كىشى، خەلقئارا جەمئىيەتنى «ئىسرائىلىيەگە دەرھال ۋە مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشكە» چاقىردى.
شەھەر مەركىزىدە «ھەر دائىم پەلەستىننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى بىلەن بىرگىمىز» تېمىسىدا ئېلىپ بېرىلغان يۈرۈشتە، پەلەستىن بايرىقىنى كۆتۈرۈشكەن ئىسپانىيەلىكلەر «ئىسرائىلىيەنى بايقۇت قىلىش كېرەك!»، «بۇ بىر ئۇرۇش ئەمەس، ئىرقىي قىرغىنچىلىق!»، «قاتىل نېتانياھۇ!»، «پەلەستىنگە ئەركىنلىك!» «ئادالەت!»، «ئىسرائىلىيە ئۆلتۈرىۋاتىدۇ، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى قوللاۋاتىدۇ» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان بارلىق سىياسىي، دىپلوماتىك، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.
نامايىشقا ئىسپانىيەدىكى سول قانات پارتىيەلەرنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ۋە پودېموس پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئىئون بېلاررامۇ قاتناشتى.
شىۋىتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدىمۇ، پەلەستىن بىلەن ھەمكارلىشىش نامايىشى ئۈچۈن تەخمىنەن 15 مىڭ كىشى بىر يەرگە يىغىلىپ، شىۋىتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىدا يۈرۈش قىلدى.
نامايىشچىلار «غەززەدە كىچىك بالىلار ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىڭلار!»، «مەڭگۈگىچە پەلەستىن!» دەپ يېزىلغان لوزۇنكىلارنى ئاچتى ۋە غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن كىچىك بالىلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مودېللارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش قىلدى.
نامايىشچىلار «پەلەستىنگە ئەركىنلىك!»، «ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيە!» ۋە «ئىسرائىلىيەنى بايقۇت قىلىش كېرەك!» قاتارلىق شوئارلارنى توۋلاپ، ئاندىن شىۋىتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى.
نامايىشچىلار ئامېرىكا ۋە شىۋىتسىيەنىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىسرائىلىيە سادىر قىلغان ئۇرۇش جىنايىتىگە شېرىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
نامايىشچىلار يەنە شىۋىتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توبىياس بىلسترومنى ئىسرائىلىيەنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئىستىپا بېرىشكە چاقىردى.
گرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئافىنادىمۇ پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
نامايىشچىلار ئېلىفتېرىيە (ئەركىنلىك) باغچىسىغا يىغىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئافىنادىكى باش ئەلچىخانىسىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى.
دەسلەپتە ئامېرىكانىڭ ئافىنادىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدىن ئۆتكەن نامايىشچىلار ئىنگلىزچە شوئار توۋلاپ، ئىسرائىلىيەگە بېرىلگەن ياردەمنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.
يۈرۈش بويىچە ئافىنا كوچىلىرىدا «پەلەستىنگە ئەركىنلىك!» شوئارلىرى ياڭرىدى.
نامايشچىلار «ئادالەت بولماي تۇرۇپ ھەل قىلىش چارىسى بولمايدۇ!» دېگەن شوئارنى توۋلىدى ۋە ئەركىن پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنىڭ ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن شەرت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.