ھاماسنىڭ ئىككىنچى چوڭ رەھبىرى سالىھ ئەل ئارۇرى شېھىت قىلىندى

ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتقا قىلغان ھۇجۇمىدا ھاماسنىڭ ئىككىنچى چوڭ رەھبىرى سالىھ ئەل ئارۇرى شېھىت قىلىندى.

2083497
ھاماسنىڭ ئىككىنچى چوڭ رەھبىرى سالىھ ئەل ئارۇرى شېھىت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى رادىئوسىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان «چەتئەل مەنبەلىرى» نى ئاساس قىلغان خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، بېيرۇتتىكى ھۇجۇمدا ھاماس سىياسىي بېيرۇسى مۇئاۋىن باشلىقى سالىھ ئەل ئارۇرى شېھىت بولغان.

لىۋاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «NNA» مۇ ھاماس ئىشخانىسى ۋە بىنانىڭ ئالدىدا توختىتىلغان ئاپتوموبىللارنىڭ 2 باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئارۇرى بىلەن بىرلىكتە 6 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 11 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خەۋەردە، ھۇجۇمدىن كېيىن ئىسرائىلىيەگە تەۋە ھەربىي ئايروپىلانلارنىڭ پايتەخت بېيرۇت ۋە جەنۇبىكى سۇر شەھىرىنىڭ ئاسمىنىدا ئۇچقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

سالىھ ئەل ئارۇرى شېھىت قىلىنغاندىن كېيىن، لىۋاندىكى ھىزبۇللاھ ئىسرائىلىيەگە بىر قاتار ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھىزبۇللاھنىڭ باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ جال ئەل ئالەم ھەربىي نۇقتىسىغا قارىتا لىۋاننىڭ جەنۇبىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇم قىلىنغانلىقى، مارج ۋە مىتات ھەربىي نۇقتىلىرىنىڭمۇ مۇۋاپىق قوراللار بىلەن ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سالىھ ئەل ئارۇرى كىم؟

ھاماس سىياسىي بېيروسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سالىھ ئەل ئارۇرى 1966-يىلى 19-ئاۋغۇستتا راماللاھتا دۇنيا كەلگەن. ئىزددىن دىن ئەلقاسسام بىرىگادىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشقان. 15 يىل ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە ياتقاندىن كېيىن، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، لىۋاندا ياشاشقا باشلىغان.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر