گۇتېررېس: ئىنسانىيەت ئازاب چېكىۋاتىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن سىن كۆرۈنۈشلۈك ئۇچۇر تارقاتتى.

2082006
گۇتېررېس: ئىنسانىيەت ئازاب چېكىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن تارتقاتقان سىن كۆرۈنۈشلۈك ئۇچۇرىدا، 2023-يىلىنىڭ زوراۋانلىق ۋە ئازابقا تولغان بىر يىل بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئىنسانىيەت ئازاب چېكىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇچۇرىدا، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ دۇنيانى خەتەرگە ئىتتىرگەنلىكىنى ۋە 2023-يىلىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ئىسسىق بىر يىل بولغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان گۇتېررېس، ئىنسانلارنىڭ نامراتلىق ۋە ئاچارچىلىقنىڭ كۈلپىتىنى تارتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باش كاتىپ گۇتېررېس بەزىلەرنى ئەيىبلەش ياكى تەنقىد ئوبيېكتى قىلىشىنىڭ پايدىسى يوقلۇقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئىنسانىيەت ئىتتىپاقلىشىپ ھەرىكەت قىلغىنىدا، قۇدرەتلىك بولىدۇ. 2024-يىلى ئىشەنچ ۋە ئۈمىدنى قايتا تىكلەيدىغان يىل بولۇشى كېرەك» دېدى.

ئۇ ئىختىلاپلارنى يېڭىپ، ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا تېپىپ چىقىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ، بولۇپمۇ كىلىمات، ئىقتىساد، كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە ھەرىكەتكە ئۆتۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

«2023-يىلى قورقۇنچلۇق ئازاب-ئوقۇبەت، زوراۋانلىق ۋە كىلىمات پاجىئەلىرى يۈز بەرگەن بىر يىل بولدى. ئىنسانىيەت ئازاب چېكىۋاتىدۇ» دېگەن گۇتېررېس، ب د ت نىڭ تىنچلىق، سىجىل تەرەققىيات ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر