ئىراندا ھاۋا بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن توردىن دەرس ئۆتۈش داۋاملاشماقتا
ئىراننىڭ تېھران، ئىسپاھان، ئالبورز، ئېراق ۋە سىمنان ئىشتاتلىرىدا ھاۋا بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن تور ئارقىلىق دەرس ئۆتۈش داۋام قىلماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىرنا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ھاۋا بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن تېھران ۋە ئىسپاھان ئىشتاتلىرىدا ئۈچ كۈندىن بۇيان يولغا قويۇلغان توردا دەرس ئۆتۈش بەلگىلىمىسى يەنە ئىككى كۈن ئۇزارتىلدى.
بەلگىلىمە بويىچە، يەسلىلەر تاقالدى. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر، ئۇنىۋېرستېتلار توردا دەرس ئۆتۈشنى داۋاملاشتۇردى.
پايتەخت تېھراندا ھاۋا بۇلغىنىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى سەۋەبىدىن ھاۋا بۇلغىنىش جىددىي ئەھۋاللار كومىتېتى بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويدى.
بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، دېزىلنى يېقىلغۇ قىلغان قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ كېچە ۋاقىتلىرىدىمۇ شەھەر مەركىزىگە كىرىشى چەكلىنىدۇ. باشقا موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ئۈچۈنمۇ چارشەنبە كۈنى (6-دېكابىر) گىچە تاق ۋە جۇپ پلاكا بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلىدۇ. شەھەردىكى بارلىق ئېلېكتر ئىستانسىسىلىرىدا، سانائەت تارماقلىرىدا، ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىدا، كانچىلىق ۋە مۇلازىمەت كەسىپلىرىدە دېزىلنى يېقىلغۇ قىلىش چەكلىنىدۇ.
ئىسپاھان ئىشتاتىدىمۇ موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ئۈچۈن تاق ۋە جۇپ پلاكا بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلىدۇ. ئالبورز، ئېراق ۋە سىمنان ئىشتاتلىرى بىلەن شەرقىي ئەزەربەيجان ئىشتاتىنىڭ تەبرىز، ئوسكۇ شەھەرلىرىدە توردا دەرس ئۆتۈش 6-دېكابىرمۇ داۋاملىشىدۇ.
مەزكۇر ئىشتاتلاردا، يۈرەك، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى، نەپەس يولى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلىرى بىمارلىرى بىلەن دۆلەت ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغان ھامىلە بولغان ئاياللار خىزمىتىنى ئۆيىدە ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئىشلەيدۇ.