ئامېرىكانىڭ بىر ھەربىي ئايروپىلانى دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى

ئامېرىكاغا تەۋە «V-22 Osprey» تىپلىق ھەربىي ئايروپىلانى ئىچىدىكى سەككىز خادىم بىلەن بىرلىكتە ياپونىيەنىڭ ياكۇشىما ئارىلىغا يېقىن دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى.

2070325
ئامېرىكانىڭ بىر ھەربىي ئايروپىلانى دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى باياناتچىسى ئامېرىكانىڭ دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلانىدىكى خادىملارنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا ھازىرچە ھېچقانداق ئۇچۇر يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

رايوندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى بولسا، ۋەقە توغرىسىدا ئۇچۇر توپلاۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئارالدىكى يەرلىك كىشىلەر ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىۋاتقاندا سول قاناتتىكى موتورىنىڭ ئوت ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھەم تىك ئۇچار، ھەم مۇقىم قاناتلىق ئايروپىلان بولۇپ ئۇچالايدىغان ئوسپرېي ئايروپىلانىنىڭ ياپونىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تالاش-تارتىش قوزغىغان شۇنداقلا ئارىلاش موتورلۇق ئايروپىلاننىڭ ئاسانلا ھادىسىگە ئۇچراش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.  

ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە ياپونىيە بولسا، ئايروپىلاننىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر