يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ مۇز تېغى ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇز تېغى 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئوكياننىڭ ئاستىدا قاپسېلىپ قالغان بولۇپ، يېقىندا ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى.

2068537
يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ مۇز تېغى ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «A23a» دەپ نام بېرىلگەن مۇز تېغى 1986-يىلى ئانتاراكتىكا قىرغىقىدىن ئايرىلغان ئىدى. ئەمما، ۋېددېل (Weddell) دېڭىزىدا پېتىپ قېلىپ، بىر مۇز ئارىلىغا ئايلانغان ئىدى.

ئالىملار ئۆتكەنكى يىللاردا يزۈئۆلچىمى تەخمىنەن 4 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان مۇز پارچىسىدا ھەرىكەتلىشىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان ئىدى.

ئەڭ يېڭى مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، قېلىنقى تەخمىنەن 400 مېتىر كېلىدىغان مەزكۇر مۇز تېغى 30 يىلدىن ئارتۇقىراق ۋاقىتتىن بېرى ھەرىكەتسىز تۇرغان بولۇپ، ئەمدىلىكتە ئانتاراكتىكانىڭ سىرتىغا قاراپ قايتىدىن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان.

ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئارىدىن ئۆتكەن 35 يىلدا مۇز تېغى ئېرىشكە باشلىغان ۋە يەڭگىللىگەن. نەتىجىدە سۇنىڭ ئۈستىدە ھەرىكەت قىلغۇدەك دەرىجىدە كىچىكلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر