ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە بومباردىمانى 45 – كۈنىدىمۇ داۋاملاشتى

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ غەززە رايونىدا 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيان ئېلىپ بارغان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 13 مىڭ 300 گە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 5600 كىچىك بالا ۋە 3550 ئايال بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

2066777
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە بومباردىمانى 45 – كۈنىدىمۇ داۋاملاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «WAFA» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەدە ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەر تۇرۇشلۇق بىر مەكتەپ ۋە توققۇز ئۆينى بومباردىمان قىلغان، ۋەقەردە نۇرغۇن كىشى قازا قىلغان ۋە يارىلانغان.

غەززە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى تېلېگرامما ھېسابىدا، غەززە رايونىدىكى ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىنىڭ 45-كۈنىدە، قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى شۇنداقلا بۇزغۇنچىلىقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارنى ھەمبەھىرلىدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملاردا غەززەدە 5600 كىچىك بالا ۋە 3550 ئايالنى قوشقاندا، جەمئىي 13 مىڭ 300 پۇقرا ئۆلتۈرۈلگەن.

ھۇجۇمدا 201 دوختۇر، سېستىرا، جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە 60 ژۇرنالىست ئۆلتۈرۈلگەندىن باشقا يەنە، يارىلانغانلارنىڭ سانى 31 مىڭدىن ئاشقان.

خارابىلىك ئاستىدىكى ۋە كوچىلاردىكى جەسەتلەرنى قوشقاندا، يوقۇلۇپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 6500 دىن ئېشىپ كەتكەن.

يوقۇلۇپ كەتكەنلەرنىڭ 4400 دىن كۆپرەكى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلاردىن تەركىپ تاپىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ھازىرغا قەدەر ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا 98 ھۆكۈمەت بىناسى ۋە 266 مەكتەپ بومباردىمان قىلىندى. 66 مەكتەپ مۇلازىمەت قىلالمايدىغان ھالغا كەلدى. بومباردىمان قىلىنغان 170 جامىنىڭ 83 ى پۈتۈنلەي يېقىلىپ چۈشتى.

ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان 225 مىڭ ئۆينىڭ قىسمەن ۋە 43 مىڭ ئۆينىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولغانلىقىغا دائىر مەلۇمات يېڭىلەنمىدى.

بۇ ئارىلىقتا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرى، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززە رايونىدا تەخمىنەن 250 نۇقتىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

باياناتتا، بومباردىمان قىلىنغان جايلارنىڭ  ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى ئىززىددىن ئەلقاسسام بىرىگادىسىغا تەۋە «نىشان» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر