ب د ت ئافغانىستانغا قايتقانلارغا 10 مىليون دوللار ئاجراتتى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى مۇئاۋىن باش كاتىپى، قوشۇمچە جىددىي ياردەم ئىشلىرى مەسئۇلى مارتىن گىرىفىتس ئافغانىستانغا قايتقان ئافغانىستانلىقلارغا 10 مىليون دوللار ئاجراتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
2067046
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى مۇئاۋىن باش كاتىپى، قوشۇمچە جىددىي ياردەم ئىشلىرى مەسئۇلى مارتىن گىرىفىتس ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى:
«سېنتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ 300 مىڭدىن ئارتۇق ئافغانىستانلىق پاكىستاندىن ئافغانىستانغا قايتتى. بۇ كىشىلەر ئۈچۈن، ب د ت مەركىزىي جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش فوندىدىن 10 مىليون دوللار مەبلەغ ئاجراتتۇق، بۇ مەبلەغ ئافغانىستانغا قايتقانلارنى قوللاش ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.»