سېرگېي لاۋروۋ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھيان بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھياننىڭ غەززە رايونىنىڭ ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنغان ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە بولغان ئەندىشەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان سۆھبىتىدە، رەھبەرلەر دەرھال ئۇرۇش توختىتىش ۋە پۇقرالارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى ئىزەددىن قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر ئەتىگەندە ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە ۋە مەسجىدى ئەقسا قاتارلىق مۇقەددەس قىممەت قاراشلىرىغا ئۈزلۈكسىز دەخلى-تەرۇز قىلىشلىرىغا جاۋابەن «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغان بولۇپ، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىمۇ غەززە رايونىنى ھاۋادىن ئېغىر بومباردىمان قىلىشنى باشلىغان ئىدى.
ئىسرائىلىيەدە 7 – ئۆكتەبىردە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 310 دىن ئارتۇق ئەسكەرنى قوشقاندا، 1200 ئىسرائىلىيەلىكنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە 5132 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بىلدۈرىشىچە، 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان 383 ئەسكەر ئۆلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ 62 نەپىرى غەززە ئىچىدىكى توقۇنۇشتا، ئالتىسى لىۋان چېگراسىدىكى توقۇنۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن.
ئىسرائىلىيەنىڭ بىلدۈرىشىچە ، قاسسام بىرىگادىلىرىنىڭ قولىدا 239 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىر بار ئىكەن.
غەززەدىكى ھۆكۈمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدا غەززە رايونىدا كەم دېگەندە 5 مىڭ كىچك بالا ۋە 3 مىڭ 300 ئايالنى قوشقاندا، جامئىي 12 مىڭ 300 پۇقرا ئۆلتۈرۈلگەن.
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق ۋە شەرقىي قۇددۇستىمۇ 7 – ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ۋە قوراللىق يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىدا 214 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلگەن.
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەززەدە ئونمىڭلىغان يارىدار ۋە پۇقرالار پاناھلىنىۋاتقان ئونلارچە دوختۇرخانىنى مەجبۇرىي بوشىتىش ئۈچۈن، دوختۇرخانا ھويلىسىنى ياكى ئاساسلىق بىنالىرىنى بومباردىمان قىلغان. ئىشغال قىلىش جەريانىدا بەزى دوختۇرخانىلارغا بېسىپ كىرگەن بولۇپ، بۇ ھۇجۇمدا يۈزلىگەن كىشى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە يارىلانغان.