فىرانسىيە غەززەگە تىك ئۇچار ئەۋەتتى

فىرانسىيە غەززەگە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا يارىلانغانلارنى دوختۇرخانا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان تىك ئۇچار ئەۋەتتى .

2066375
فىرانسىيە غەززەگە تىك ئۇچار ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېباستىيېن لېكورنۇنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە،  فىرانسىيە غەززەگە ئەۋەتكەن تىك ئۇچاردا 40 كارىۋات، ئىككى ئوپېراتسىيەخانا، بىر X نۇرى ئۆيى ۋە بىر تەجرىبىخانا بار ئىكەن.

 بۇ تىك ئۇچار بولۇپمۇ ئەھۋالى ئېغىر يارىدار بالىلارنى دوختۇرخانا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

«Dixmude» ناملىق تىك ئۇچار بىر نەچچە كۈن ئىچىدە مىسىرغا يېتىپ بارىدىكەن.

فىرانسىيە ئالدىنقى ئايدىمۇ غەززەگە «تونېررې» ناملىق تىك ئۇچار ئەۋەتكەنىدى.

ئىسرائىلىيە دوختۇرخانىلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقان ۋە پۇقرالار ئۆلۈپ كېتىۋاتقان غەززە رايونىدا سەھىيە مۇلازىمىتى توختاپ قالغان بولۇپ، فىرانسىيە ئەۋەتكەن تىك ئۇچارلاردا يېتەرلىك كارىۋات بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆكتىچىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا ئىكەن.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قەسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە شەھىرىگە «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» قوزغىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ  بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ھۇجۇملىرى داۋامىدا، كۆپىنچىسى بالىلار بولۇپ، 13 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر