ھىندونېزىيەدە ئارقا - ئارقىدىن 6.7 ۋە 7.1 بال يەر تەۋرىدى

ھىندونېزىيەنىڭ باندا دېڭىزى تەۋەلىكىدە ئارقا – ئارقىدىن 6.7 ۋە 7.1 بال يەر تەۋرەشلەر مەيدانغا كەلدى.

2061895
ھىندونېزىيەدە ئارقا - ئارقىدىن 6.7 ۋە 7.1 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئورگىنى 6.7 ۋە 7.1 بال چوڭلۇقىدىكى يەر تەۋرەشلەرنىڭ تەۋرەش مەركىزىنىڭ ھىندونېزىيەنىڭ مالۇكۇ ئۆلكىسىنىڭ 340 كىلومېتىر جەنۇبىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باندا دېڭىزىدا يەرنىڭ 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقىدا مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەشلەردەم دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن ۋە يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن دېڭىز تاشقىنى سىگنالى بېرىلمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر