ياۋروپادا پەلەستىننى قوللاش نامايىشلىرى ئۈزۈلمەي داۋاملاشماقتا
ئەنگلىيە، دانىيە، فىرانسىيە، پولشا، ئىتالىيە، ئاۋستىرىيە، ئىسپانىيە ۋە شىۋېتسىيەدە ئونمىڭلىغان كىشى پەلەستىننى قوللاپ نامايىش قىلدى.
2060613
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ياۋروپادا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا، كىشىلەر ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىدا نۇرغۇن كىچىك بالىلارنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «دەرھال ئۇرۇش توختىتىش» نى تەلەپ قىلدى.
ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادىمۇ ئونمىڭلىغان كىشى ئىسرائىلىيەگە نارازلىق بىلدۈرۈش ۋە پەلەستىننى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) دە ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە ئىسرائىلىيەمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە رايونى بومباردىمان قىلىپ «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» نى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدغان ئىدى.
كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ئۇرۇشلاردا، ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلىغان كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.