ئىسمائىل ھانىيە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى 3 دوختۇرخانىغا قىلغان ھۇجۇمى ئۈستىدە توختالدى

ھاماس سىياسىي بېيرۇسى باشلىقى ئىسمائىل ھانىيە ئىسرائىلىيەنىڭ مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززەنىڭ 3 دوختۇرخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ قوللىشى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا چەڭ ئېچىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

2060355
ئىسمائىل ھانىيە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى 3 دوختۇرخانىغا قىلغان ھۇجۇمى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئىسمائىل ھانىيە يازما باياناتىدا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى «دوختۇرخانىلارغا سىستېمىلىق ھۇجۇم قىلغانلىقى» نى ئەيىبلىدى.

ئىسمائىل ھانىيە ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ غەززەدىكى شىفا دوختۇرخانىسى، قۇددۇس دوختۇرخانىسى ۋە ھىندونېزىيە دوختۇرخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمى ھەققىدە توختىلىپ،  «بۇ قىرغىنچىلىقلار ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيەنىڭ شۇنداقلا قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ ئىچىدىن چىققىلى بولمايدىغان پاتقاققا پاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

ھاماس رەھبىرى ئىسمائىل ھانىيە غەززەگە ھۇجۇم قىلغان ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ «ئارقىمۇ ئارقىدىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ ھۇجۇمرىىغا» ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتتى:

ئىسمائىل ھانىيە يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ ۋەھشىيلىكنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېننىڭ ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ۋاقتىغا توغرا كەلگەنلىكى، ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەنلىكى ۋە ئوچۇق ئاشكارا قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولغاىن باشقا يەنە، بارلىق ئىنسانىي قىممەت قاراشلارغا ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا ئۇرۇش ئاچقانلىقىدۇر».

ئىسمائىل ھانىيە مىسىرنى غەززەدىكى قېرىنداشلىرىغا قارىتا مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن رافاھ چېگرا ئېغىزىنى تولۇق ئېچىشقا چاقىردى ھەمدە ئەرەب - ئىسلام دۇنياسىنىمۇ «غەزەپ – نەپرىتىنى تىلغا ئېلىشنى داۋاملاشتۇرۇش» قا چاقىرىق قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر