سەدر ئىراق ھۆكۈمىتىدىن ئامېرىكانىڭ باغدادتىكى ئەلچىخانىسىنى تاقىۋېتىشىنى تەلەپ قىلدى
ئىراقتىكى سەدىر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى مۇقتەدا سەدىر ئىسرائىلىيەنىڭ قامالى ئاستىدىكى غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى قوللاۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ باغدادتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ تاقىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
2056972
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىئە رەھبەر مۇقتەدا سەدر يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مۇسۇلمان بولۇشنىڭ تەقەززاسى بويىچە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىالرنىڭ تەرىپىدە تۇرۇش چۈشەنچىسىگە ئاساسەن، بۈگۈن ھەممىدىن كۆپ پەلەستىن ۋە غەززە خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
سەدىر ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى قوللاۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ باغدادتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ تاقىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئىراق ھۆكۈمىتى ۋە ئىراق پارلامېنتىنىڭ بۇ يۆنىلىشتە بالدۇرراق قارار چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان سەدر، ئەكسىچە بولغاندا، نامايان قىلىدىغان پوزىتسىيەلىرىنى كېيىن ئېلان قىلىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.