غەززەدە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ سانى ئاشماقتا

ب د ت ئىنسانىي ئىشلار كوردىناتسىيە ئىشخانىسى(OCHA) نىڭ يازما باياناتىدا، غەززەدە يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان كىشىلەر سانىنىڭ 1 مىليون 400 مىڭغا يەتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

2055036
غەززەدە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ سانى ئاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئىنسانىي ئىشلار كوردىناتسىيە ئىشخانىسى(OCHA)  نىڭ يازما باياناتىدا، غەززەدە يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان كىشىلەر سانىنىڭ 1 مىليون 400 مىڭغا يەتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

ب د ت ئىنسانىي ئىشلار كوردىناتسىيە ئىشخانىسى يەنە، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن كىشىلەر سانىنىڭ مىڭغا چىققانلىقىنى ياكى جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە ياكى خارابىلىك ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىلىرى 7 – ئۆكتەبىر (2023) شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە قارىتىپ مىڭلارچە راكېتامىيوت ئاتقان ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلار رايوندىكى ئاھالىلەر رايونلىرىغا باستۇرۇپ كىرگەنىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززەگە قارشى «تۆمۈر قىلىچ» ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىككى تەرەپنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلەشكەن توقۇنۇشلاردا، مىڭلارچە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر