مېكسىكا ئامېرىكاغا بىر زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىسىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن مېكسىكا زىيارىتىدە پىرېزىدېنت مانۇئېل لوپېز ئوبرادور بىلەن كۆرۈشۈپ، «كۆچ، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق» لارنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر قاتار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

2047119
مېكسىكا ئامېرىكاغا بىر زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىسىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت مېكسىكا زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە، پايتەخت مېكسىكا شەھىرىدە پىرېزىدېنت لوپېز ئوبرادور بىلەن كۆرۈشتى.

پىرېزىدېنت لوپېز ئوبرادور «X» ئادرېسىدا ۋىدېئو ھەمبەھرلەپ، ئامېرىكا بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ ۋىدېئوسىدا بلىنكېن باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن «كۆچ، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق» لارنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ قىيىنچىلىقلارغا يۈزلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. بۇ يەردە بىز بىلەن بىرلىكتە بولغانلىقىڭلارغا ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىشىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمەن. ئۆزئارا ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرىمىز، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى ياخشى ۋە داۋاملىق تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماتېۋ مىللېرمۇ مېكسىكا تەرەپ بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىش توغرىسىدىكى باياناتىدا: «ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يۇقىرى سەۋىيەلىك دىيالوگلار نەتىجىسىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مول مەزمۇنلۇق مۇلاھىزىلەر ۋە ئورتاق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە تولغان بىر يىل تەبرىكلىنىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېننىڭ مېكسىكا پرېزىدېنتى لوپېز ئوبرادروردىن زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىنىڭ كاتتىباشلىرىدىن ئوۋىدىيو گۇزماننى تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مېكسىكا تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، كۆرۈشۈشتە لوپېز ئوبرادور بىلەن بلىنكېننىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە فانتانىلغا قارشى تۇرۇشتا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر