ياۋروپا ئىتتىپاقى: ئوڭچىل ئەسەبىيلىك ياۋروپادا كۈنسېرى زورىيىۋاتقان خەتەر
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئىچكى ئىشلارغا مەسئۇل ئەزاسى يىلۋا جوھانسون ياۋروپادىكى ئوڭچىل ئەسەبىي گۇرۇپپىلارنىڭ كۈنسېرى زورىيىۋاتقان تېررورلۇق تەھدىتى شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاشقا قارشى كۈرەش مۇنبىرى» يىغىنى، جوھانسوننىڭ ساھىبخانلىقىدا بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلدى.
جوھانسون يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتۇقىدا، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاشقا قارشى كۈرەشنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى تەقەززا قىلىدىغان بىر باسقۇچ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئوڭچىل ئەسەبىي گۇرۇپپىلارنىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ياۋروپادىكى كۈنسېرى زورىيىۋاتقان بىر خەتەر ھېسابلىنىدۇ. ئەسەبىي ئوڭچىللار، زوراۋان ئاشقۇنلار ھەر كۈنى مەبلەغ توپلاۋاتىدۇ، روك كونسېرتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇۋاتىدۇ، تاۋارلارنى سېتىۋاتىدۇ.»
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەسەبىي ئوڭچىللىقنىڭ قەيەردە ئاخىرلىشىپ، تېررورىزمنىڭ قەيەردىن باشلانغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىشىمىز قىيىن، تېررورچىلار كۆپ ھاللاردا شىفىرلىق پۇللارنى ئىشلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار يالغان خەير - ساخاۋەت ئورگانلىرىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇۋالىدۇ.»