ئەنگلىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئىسسىق سېنتەبىرنى باشتىن كەچۈردى

ئەنگلىيە كىلىمات ئۆزگىرىشنىڭ تەسىرى تۈپەيلى «1884-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق سېنتەبىر» نى باشتىن كەچۈردى.

2045552
ئەنگلىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئىسسىق سېنتەبىرنى باشتىن كەچۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە مېتېرولوگىيە ئىدارىسى (Met Office) نىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ سېنتەبىر ئېيى دۆلەت مىقياسىدا كۆرۈلگەن ئوتتۇرىچە 15.2 گىرادۇسلۇق ھاۋا تېمپېراتۇراسى بىلەن، ھاۋا تېمپېراتۇراسىغا مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەش باشلانغان 1884-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق ئاي بولۇپ قالغان.

ئەنگلىيەدە بۇ يىل (2023) نىڭ سېنتەبىر ئېيىدا خاتىرىلەنگەن 16.7 گىرادۇسلۇق ھاۋا تېمپېراتۇراسى، 2006-يىلى سېنتەبىردىكى 16.5 گىرادۇسلۇق تېمپېراتۇراسىدىن ئېشىپ كەتكەن. گاللېرنىڭ سېنتەبىردىكى تېمپېراتۇراسى 15.6 گىرادۇس بولۇپ، 2006-يىلى سېنتەبىردىكى 15.2 گىرادۇسلۇق ھاۋا تېمپېراتۇراسىدىن ئېشىپ كەتكەن.

شىمالىي ئىرېلاندىيەدە ھازىرغىچە خاتىرىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇراسى ئوتتۇرىچە 14.2 گىرادۇس بولدى.

شوتلاندىيەمۇ 12.8 گىرادۇس بىلەن، ھازىرغىچە خاتىرىلەنگەن ئەڭ ئىسسىق ئۈچىنچى سېنتەبىرنى باشتىن كەچۈردى.

ئەنگلىيەدە سېنتەبىر ئېيىنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇراسى يۇقىرى بولۇش بىلەن بىرگە، ھۆل-يىغىنمۇ ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن ئۈچتىن بىر ھەسسە كۆپ بولدى.

ئەنگلىيەدە سېنتەبىر ئېيىدا ھاۋا تېمپېراتۇراسىنىڭ ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 15.2 گىرادۇسقا چىقىشىغا، «ئىنسانلار سەۋەب بولغان كىلىمات ئۆزگىرىشى بولماي تۇرۇپ مۇمكىن ئەمەسلىكى» ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر