ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە تۆت دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى قاراباغ توغرىسىدا ئۆزئارا كۆرۈشتى
ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ئەزەربەيجاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەزەربەيجان، ئەرمېنىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆزئارا كۆرۈشكەنلىكىنى، تەرەپلەرنىڭ كېيىنكى قېتىم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان يىغىندا نورماللىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان كونكرېت قەدەملەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى چارلېز مىشېلنىڭ مەسلىھەتچىلىرى سىمون موردۇ، ماگدالېنا گرونو، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبىي كاۋكاز ئالاھىدە ۋەكىلى تويۋو كلار ۋە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى ھىكمەت ھاجىيېۋ، ئەرمېنىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپى ئارمېن گرىگوريان، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ مەسلىھەتچىسى ئېممانۇئېل بون، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولزنىڭ مەسلىھەتچىسى پلوتنېر ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى مىشېل قاتارلىقلارنىڭ قاتنىشىشىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن.
يىغىندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلۈشىگە ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە رۇخسەت قىلىشنى، ئوچۇق-ئاشكارىلىق ھەمدە ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغدا ياشايدىغان ئەرمەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك پىلانى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى ھىكمەت ھاجىيېۋ ئەزەربەيجاننىڭ يەرلىك خەلققە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈش ۋە بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش پىلانلىرىنى خۇلاسىلىدى.
ھاجىيېۋ بىلەن گرىگوريان كېيىنكى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا نورماللىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان كونكرېت قەدەملەر ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
باياناتتا، مەزكۇر يىغىننىڭ 5-ئۆكتەبىر (2023) دە ئىسپانىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا سىياسىي جەمئىيەتلەر يىغىنى رامكىسىدا، مىشېل بىلەن تۆت دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ئۇچرىشىشنىڭ تەييارلىقلىرى ئۈچۈن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.