پېسكوۋ: ئامېرىكانىڭ قاراباغقا خەلقئارالىق قىسىملارنى ئەۋەتىدىغانلىقىنىڭ كونكېرت قەدەملىرىنى كۆرمىدۇق
رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىرىي پېسكوۋ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قاراباغقا ۋەزىپە ئۆتەش قىسىملىرى ئەۋەتمەكچى بولغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق كونكرېت ئامىللارنى كۆرمىگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېسكوۋ پايتەخت موسكۋادا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماتېۋ مىللېرنىڭ «قاراباغدا خەلقئارالىق ۋەزىپە ئۆتەش قىسىملىرى بولۇشى كېرەك، بىز بۇ مەسىلىدە ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىمىز» دېگەن سۆزلىرىگە باھا بەردى.
ئۇ قاراباغدا ۋەزىپە ئۆتەش قىسىملىرى تەيىنلەش ئۈچۈن ئەزەربەيجاننىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز ھازىرچە بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار كونكرېت بىرەر ئەھۋالنى كۆرمىدۇق. ھەر قانداق بىر ۋەزىپە ئۆتەش قىسىملىرى پەقەت ئەزەربەيجان تەرەپنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىلا مۇمكىن بولىدۇ» دېدى.
پېسكوۋ رۇسىيەنىڭ قاراباغ مۇساپىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەكسىچە كونكرېت ئورۇن ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «رۇسىيەنىڭ قاراباغ مۇساپىسى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە بىزنىڭ ئۇنىڭغا ئارىلىشىش دەرىجىمىزنى ئامېرىكا بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. بۇ نۇقتىنى بىزنىڭ قاراباغ مۇساپىسىدىكى ئاغزاكى ئەمەس، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ھەققىدىمۇ دېيىشكە بولىدۇ. بۇنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
باياناتچى پېسكوۋ يەنە، رۇسىيە تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ رايوندا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.