لاۋروۋ: ئامېرىكا فىراتنىڭ شەرقىدە ئاشلىق ۋە نېفىت ئەتكەسچىلىكى قىلماقتا

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «فىراتنىڭ شەرقىدە يېرىم كورد دۆلىتى قۇرۇپ، سۈرىيەنىڭ نېفىت ۋە ئاشلىقىنى ئەتكەس قىلىۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى.

2042806
لاۋروۋ: ئامېرىكا فىراتنىڭ شەرقىدە ئاشلىق ۋە نېفىت ئەتكەسچىلىكى قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ تۇنىس تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نەبىل ئەممار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىگە قارىتا ئاستانا فورماتسىيەسى دائىرىسىدە، تۈركىيە ۋە ئىران بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى، غەربنىڭ ئېمبارگولىرى سەۋەبىدىن سۈرىيەنىڭ ئىقتىسادىدا ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ھەرىكەتلىرىنىڭمۇ سۈرىيە ئىقتىسادىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە يېرىم كورد دۆلىتى قۇرۇپ، سۈرىيەنىڭ نېفىت ۋە ئاشلىقىنى ئەتكەس قىلماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر