قاراباغدا بېنزىن ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بەردى
ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ رايونىدىكى خانكەندى-ئەسقەران يولى ئەتراپىدىكى بىر بېنزىن ئىسكىلاتىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئوت ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى، 200 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.
2042218

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «Armenpress» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كەچ تەرەپلەردە خانكەندى رايونىغا يېقىن ئەسقەران يولىغا جايلاشقان بېنزىن ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بەرگەن.
قاراباغدىكى ئەرمەنلەرنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارتلاش ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم قازا قىلغان ھەمدە يارىلانغان.
يارىلانغانلار سانى 200 دىن ئېشىپ كەتكەن خانكەندى رايونىدىكى بارلىق دوختۇرخانىلار جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەن. يارىلانغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، قازا قىلغانلارنىڭ سانى ۋە پارتلاشنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.