پ ك ك سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلدى
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىغا قىلغان ھۇجۇملىرى داۋامىدا سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ بىر ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى تېررورچىلار ئۆزلىرى ئىشغال قىلىۋالغان تەلرىفئەت ۋە مۈنبىچتىن بىخەتەر رايونلاردىكى ئۈچ نۇقتىغا بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلدى.
تۈركىيە چېگراسىدىكى ئەزىز رايونىنىڭ جەنۇبىدىن ۋە باب ناھىيەسىنىڭ شەرقىدىن ئالدىنقى سەپكە سىڭىپ كىرمەكچى بولغان تېرورچىلار سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى قىسىملىرى بىلەن توقۇنۇشتى.
تېررورچىلارنىڭ سىڭىپ كىرىش ئۇرۇنۇشىغا تاقابىل تۇرۇلدى. توقۇنۇشلار داۋامىدا سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ بىر ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئىككى ئەسكىرى يارىلاندى.
توقۇنۇشلار داۋامىدا ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان تېررورچىلار چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى.
تېرورچىلار يەنە سىڭىپ كىرمەكچى بولغان رايونلارغا قۇرۇقلۇقتىن قۇرۇقلۇققا ئوق ئاتقىلى بولىدىغان قورال – ياراغلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە،بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئۇدا 7 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئىشغال قىلىۋاتقان تەلرىفئەت ۋە مۈنبىچ رايونلىرىدىن سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئالدىنقى سەپ لىنىيەلىرىگە داۋاملىق سىڭىپ كىرىش تەشەببۇسىدا بولىدىكەن.