ياۋروپا ئىتتىپاقى «ئىنتېل»غا جەرىمانە قويدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكانىڭ ئۈزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى — ئىنتېلغا ئۆزەك بازىرىدىكى رىقابەت قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 376 مىليون 360 مىڭ ياۋرو جەرىمانە قويدى.

2041061
ياۋروپا ئىتتىپاقى «ئىنتېل»غا جەرىمانە قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئىنتېلنىڭ بازاردىكى ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغانلىقى ئۈچۈن جەرىمانە قويۇشنى قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ئىنتېلنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مونوپولغا قارشى تۇرۇش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، رىقابەتچىلىرىنى ئالاقىدار بازاردىن چىقىرىۋېتىشنى مەقسەت قىلىدىغان قەدەملەرنى تاشلىغانلىقى؛ جەرىمانە قويۇش قارارىنىڭ ئىنتېلنىڭ 2002 – يىلىدىن 2006 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا Hewlett Packard, Acer  ۋە Lenovo  قاتارلىق كومپيوتېر ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەرگە رىقابەتچى شىركەتلەرنىڭ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچلىرىنى بازارغا سېلىشىنى كېچىكتۈرۈش ۋە سېتىش يوللىرىغا چەكلىمە قويۇش ئۈچۈن پۇل تۆلىگەنلىكى سەۋەبىدىن چىقىرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر