ب د ت: ئىسلاھات ئېھتىياجى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ روشەن
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس نۆۋەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئىسلاھات ئېھتىياجىنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ روشەن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇتېررېس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 78 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «كەلگۈسىدىكى باشلىقلار يىغىنى» دا قىلغان سۆزىدە، «ئورتاق قارالما» دوكلاتىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ دائىرىدە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا قايتىدىن ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىلىق چاقىرىقتا بولدى.
ئۇ دوكلاتتا «كۈندىلىك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي رېئاللىقلار» غا ئاساسەن كۆپ دۆلەتلىك تەشكىلاتلارنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.
گۇتېررېس مەۋجۇتلۇق تەھدىتلىرى ۋە خەۋپ-خەتەرلەرگە قارشى كۈرەش دەۋرىدە كۆپ تەرەپلىك باسقۇرۇش سىستېمىسىغا ئېھتىياج بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «چۈنكى ئىسلاھات ئېھتىياجى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا نۆۋەتتە تېخىمۇ روشەن.»
ئۇ كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپىنىڭ شەكىللىنىشكە باشلىغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ ھەم پۇرسەت ھەم يېڭى خەتەرلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا دۇنياۋى جىددىيچىلىك، رىقابەت ۋە بۆلۈنۈشنىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «كەلگۈسىنىڭ ئەھدىنامىسى سىز ۋە خەلقىڭىز ئوتتۇرىسىدىكى ئەھدىنامە بولىدۇ.»
«بىز نۆۋەتتە يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىمز.بۇ خىرىسلارغا قارشى كىچىك گۇرۇپپىلار ياكى ئىتتىپاقلار بىلەن ئەمەس، بەلكى دۇنياۋى ھەل قىلىش چارىلىرى ئارقىلىق كۈرەش قىلالايمىز. بۇنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان بىردىنبىر مۇنبەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدۇر.»