ئىراندىكى قۇم بورىنى سەۋەبىدىن بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تاقىلىپ قالدى
ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى سىستان-بالۇچىستان ئۆلكىسىدە قۇم ۋە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى سەۋەبىدىن كۆرش مۇساپىسى تۆۋەنلەپ، بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تاقىلىپ قالدى.
2040234

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: سىستان-بالۇچىستان جىددى ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى باشلىقى مىجىت مۇھىببى ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «IRNA» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «قۇم ۋە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى سەۋەبىدىن سىستان-بالۇچىستاننىڭ شىمالىدىكى زابۇل، زېخېك، ھامۇن، ھىرمېند ۋە نىمرۇز شەھەرلىرىدە بىر قىسىم دۆلەت ئورگانلىرى تاقىۋېتىلدى» دېدى.
سىستان-بالۇچىستان مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى باش دىرېكتورى مۇھسىن ھەيدارىمۇ ھاۋادىكى چاڭ-توزاننىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن كۆرۈش مۇساپىسى زابۇلدا 800 مېتىرغا ۋە زېخېكتا 500 مېتىرغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىران مەسئۇللىرى ئاممىغا، بولۇپمۇ يۈرەك ۋە نەپەس يولى بىمارلىرىغا زۆرۈر تېپىلمىسا سىرتقا چىقماسلىقنى تەۋسىيە قىلدى.