ئامېرىكانىڭ بېيرۇت ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بېيرۇت ئەلچىخانىسى بىناسى نامەلۇم كىشى ياكى كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

2040311
ئامېرىكانىڭ بېيرۇت ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، پايتەخت بېيرۇتنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئامېرىكا ئەلچىخانىسى بىناسى نامەلۇم كىشى ياكى كىشىلەرنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

ئامېرىكا ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا ھۇجۇمنىڭ ئەلچىخانىسى بىناسىنىڭ 1984-يىلى 20-سېنتەبىر كۈنى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنىڭ  39 - يىللىقىغا توغرا كېلىشى دىققەت قوزغايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر