پۇتىن پاشىنيان بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرېمىل سارىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنياننىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، قاراباغ مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ قىيىن ئۆتكىلىدىن ئۆتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن، شۇنداقلا رۇسىيە تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمدىن ۋە سۆھبەتنىڭ 21-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ سۆھبەتلەرنىڭ رۇسىيە تىنچلىق ساقلاش قىسمى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇرەسسەچەلىكىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، قىيىن شارائىتلارغا قارىماي، رۇسىيە تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداش ۋە ھەربىي دوختۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقرالارغا ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.
تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، كەلگۈسىدە جىددىيچىلىكنى ئازايتىش ۋە رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈمىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.