جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى قۇيۇن ئاپىتىدە بەش خىتاي ئۆلدى

خىتاينىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن قۇيۇن ئاپىتىدە بەش خىتاي ئۆلۈپ، تۆت خىتاي يارىلاندى.

2040220
جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى قۇيۇن ئاپىتىدە بەش خىتاي ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: خىتياينىڭ شەرقىدىكى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇچىئەن شەھىرىدە قۇيۇن ئاپىتى يۈز بەردى.

داشىڭ ۋە نەنچاي رايونىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن قۇيۇن ئاپىتى سەۋەبىدىن ئاپتوموبىللار ھاۋادا ئۇچتى. ئېلېكتىر ئىستولبىلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشتى.

قۇيۇن ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھادىسىدە بەش خىتاينىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە تۆت خىتاينىڭ  يارىلىنىپ، بالنېستقا ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.  

دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 5512 كىشى قۇيۇننىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان، 1666 ئۆي زىيانغا ئۇچرىغان ھەمدە 405  كىشى بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغان.

سۇچىئەن شەھىرىدىكى 41.8 گېكتارلىق دېھقانچىلىق مەيدانىمۇ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا دۇچ كەلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر