جوسېپ بوررېل قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈشكە ئوخشاش ھەرىكەتلەرنىڭ تېررورچىلار تەرىپىدىن سۇيىئىستېمال قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈشكە ئوخشاش ھەرىكەتلەرنىڭ تېررورچىلار تەرىپىدىن سۇيىئىستېمال قىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۈنۈملۈك قارشى تۇرۇش ئۈچۈن جەمئىيەتتە كەڭ قورساقلىقنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.
بوررېل ئامېرىكانىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت 78-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىگە قاتناشتى ۋە يەرشارى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مۇنبىرى (TMFK) نىڭ 13-نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنىدا ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.
بوررېل مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىخ شۇكرى بىلەن بىرلىكتە تەڭ دەرىجىلىك باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزكۇر يىغىندا، تېرورلۇققا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش ئۈچۈن جەمئىيەتتە كەڭ قورساقلىقنى تەشەببۇس قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
جوسېپ بوررېل، «بىز جەمئىيىتىمىزدە ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرى، چىدىماسلىق ۋە ئۆچمەنلىك ھەرىكەتلىرىگە كۆپلەپ شاھىت بولماقتىمىز. بىز قۇرئان كەرىمنىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى كۆرمەكتىمىز. بۇلار تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرى تەرىپىدىن بۇرمىلانغان ئىدىئولوگىيەسىنى يېيىش، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللەش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قايتا-قايتا سۇيىئىستېمال قىلىنماقتا» دېدى.
بوررېل يازدا شىۋىتسىيە ۋە دانىيەدە يۈز بەرگەن قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش ھەرىكىتى ئۈستىدە توختىلىپ، «ياۋروپادا بەزى كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنى ئازابلىغان ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەر قانداق شەكىلدىكى دىنىي ئۆچمەنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى تەكرارلىدى» دېدى.