گېنېرال چارلېس بروۋن ئامېرىكا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلاشقان ئامېرىكا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك مارك مىللېينىڭ ئورنىغا گېنېرال – پولكوۋنىك گېنېرال چارلېز «CQ» بروۋىننىڭ تەيىنلىنىشىنى تەستىقلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق 11 گە قارشى ئاۋاز بىلەن بروۋىننىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقىغا تەيىنلىنىشىنى ماقۇللىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئوستىن تەستىقتىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بروۋىننى تەبرىكلىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى — پېنتاگون 10 – ئىيۇن (2023) بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئارمىيەسى سېپىدىكى 650 رەھبەرلىك ئورنىنىڭ بوشىلىدىغانلىقىنى، ھازىرغىچە 365 گېنېرال ۋە ئادمىرالنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
ئامېرىكا قانۇنلىرىغا ئاساسەن، ھۆكۈمەت كۆرسەتكەن نامزاتلارنىڭ ھەممىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەك.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراندا ساختا ھاراق ئىچىش سەۋەبىدىن 21 كىشى ئۆلدى
ئىراننىڭ مازەندەران ئۆلكىسىدە ساختا ھاراق ئىچىش سەۋەبىدىن 21 كىشى ئۆلدى.