پولشا كۆچمەنلەرنىڭ ھەر بىر ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلىتىگە مەجبۇرى تەقسىم قىلىنىشىغا قارشى چىقتى
پولشا باش مىنىستىرى ماتېئۇس موراۋىچكى بۇ ھەقتە رەسمىي قارار ماقۇللىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: پولشا باش مىنىستىرى ماتېئۇس موراۋىچكى «مەجبۇرىي ئىتتىپاقلىق مېخانىزمى» نىڭ تەقەززاسى بويىچە كۆچمەنلەرنىڭ ھەر بىر ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلىتىگە مەجبۇرى تەقسىم قىلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كۆچمەنلەر قانۇنىغا قارشى چىقىش ئۈچۈن رەسمىي قارار ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
موراۋىچكى ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن بۇ ھەقتە توختىلىپ، پولشانىڭ بۇ مەسىلىگە دائىر پوزىتسىيەسىدە دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
موراۋىچكى «مەجبۇرىي ئىتتىپاقلىق مېخانىزمى» نىڭ تەقەززاسى بويىچە كۆچمەنلەرنىڭ ھەر بىر ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلىتىگە مەجبۇرى تەقسىم قىلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كۆچمەنلەر قانۇنىغا قارشى بۇ قارارنىڭ ماقۇللانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «پولشا كابىنېتى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ۋە پولشا ئۆكتىچىلىرىگە قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە ماقۇل بولمايدىغانلىقىغا دائىر كۈچلۈك سىگنال بېرىشنى مەقسەت قىلىپ بىر رەسمىي قارارنى ماقۇللىدى. بىز بۇ قارار ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىغا شۇنداقلا بارلىق سىياسىي كۈچلەرگە دۆلىتىمىزدە قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىغا دائىر ئېنىق سىگنال بەرمەكچىمىز» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

مېكسىكادا چېركاۋنىڭ ئۆگزىسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
مېكسىكادا بىر چېركاۋنىڭ ئۆگزىسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، توققۇز ئادەم قازا قىلدى، 50 ئادەم يارىلاندى.