ياۋروپا تۈركىيەگە ئاپەت ياردىمى بېرىشنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەبىدىن تۈركىيەگە 400 مىليون ياۋرو ئاپەت ياردىمى بېرىشنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

2038899
ياۋروپا تۈركىيەگە ئاپەت ياردىمى بېرىشنى تەستىقلاشنى  قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ تۈركىيە، ئىتالىيە ۋە رۇمىنىيەگە 454 مىليون 800 مىڭ ياۋرو ئاپەت ياردىمى بېرىشىنى تەستىقلاش توغرىسىدا كېلىشتى.

مەزكۇر ياردەمنىڭ 400 مىليون ياۋروسى فېۋرال ئېيىدىكى قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان  يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن تۈركىيەگە بېرىلىدۇ.

ياردەمنىڭ 33 مىليون 900 مىڭ يارۋوسى 2022- يىلى قۇرغاقچىلىقنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان رۇمىنىيەگە، 20 مىليون 900 مىڭ ياۋروسى بولسا، 2022- يىلى 9- ئايدا كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ئىتالىيەگە ئەۋەتىلىدۇ.

ياردەملەر ياۋروپا ئىتتىپاقى خامچوتىنىڭ ھەمكارلىشىش ۋە جىددىي ياردەم ئۈچۈن ئاجرىتىلغان قىسمىدىن تەمىنلىنىدۇ.

ئىقتىسادىي ياردەملەر ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ ئاخىرقى تەستىقىدىن كېيىن تارقىتىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر