مىچوتاكس: تۈركىيە بىلەن دىيالوگ ئورنىتىش مۇھىم

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىچوتاكىس تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگ قاناللىرىنىڭ ئوچۇق بولۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2038878
مىچوتاكس: تۈركىيە بىلەن دىيالوگ ئورنىتىش مۇھىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە باش مىنىستىرى مىتسوتاكىس بۇ يىل 87- نۆۋەتلىكى ئېچىلغان خەلقئارا سەلانىك يەرمەنكىسى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ ھەققىدە توختىلىپ: «مەن تۈركىيە بىلەن ھەر دەرىجىلىك سۆھبەت قاناللىرىنى قايتا ئېچىلىشىنى ئىنتايىن ئىجابىي ئەھۋال، دەپ قارايمەن» دېدى.

مىچوتاكىس جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رەھبەرلەر دەرىجىسىدە كۆرۈشۈش بىلەن بىرلىكتە، مىنىستىرلار ۋە مۇئاۋىن مىنىستىرلار ئارا سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنىڭمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە ئىجابىي كۈنتەرتىپلەرنى مۇزاكىرە قىلىشنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئۆتمۈشتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن مەسىلىلەرنىڭ بىراقلا ھەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلمايلى. ئەمما ئىختىلاپ كۆرۈلگەندە، قايسى مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلىۋاتقانلىقىمىزنى مەدەنىي شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاشقۇن سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا يول قويماستىن، ئۇ مەسىلىدە يارىشىپ قالايلى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر