ماراكەشتە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 2 مىڭ 946 ئادەم قازا قىلدى

ماراكەشتە يۈز بەرگەن 7 بال يەر تەۋرەشتە 2 مىڭ 946 ئادەم قازا قىلدى، تەخمىنەن 50 مىڭ ئۆي – ماكان پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ۋەيران بولدى.

2037713
ماراكەشتە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 2 مىڭ 946 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماراكەش خان جەمەتى سوت مەھكىمىسىنىڭ يازما باياناتىغا قارىغاندا، پادىشاھ 6 - مۇھەممەدنىڭ رىياسەتچىلىكىدە يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ پاناھلىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ۋە ئۇلارغا زۆرۈر ياردەملەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن جىددىي يىغىن چاقىرىلغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان 5 رايوندا تەخمىنەن 50 مىڭ ئۆي – ماكان پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ۋەيران بولغان.

ماراكەش ھۆكۈمىتى يەر تەۋرەشتە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە 30 مىڭ دىرھەم (تەخمىنەن 3000 دوللار)، پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان ئۆي – ماكانلار ئۈچۈن 140 مىڭ دىرھەم (تەخمىنەن 14 مىڭ دوللار) قىممىتىدە بىۋاسىتە ئىقتىسادىي ياردەم  بېرلىىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ماراكەش 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 23.10 دە  ماراكەش شەھىرىنىڭ ئەلخۇز رايونىدا 7 بال يەر تەۋرىگەنىدى.

يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ماراكەش شەھىرىدىن باشقا، پايتەخت رابات، كازابلانكا، مەكنەس، ئاگادىر ۋە فەس شەھەرلىرىمۇ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغانىدى.

ماراكەش ئىچكى ئىشلار ۋىزارىتى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 2 مىڭ 946 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 5 مىڭ 674 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر