ماراكەشتىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 2946 گە يەتتى
8 – سېنتەبىر ماراكەشتە يۈز بەرگەن 7 بال يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 2946 گە يەتتى.
2037358
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماراكەش ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ماراكەشتىكى 7 بال يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 2946 گە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 5674 كە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى
9- ئاينىڭ 8- كۈنى كەچتە ماراكەشتە 7 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، يەر تەۋرەش مەركىزى ماراكەشنىڭ ئەلخۇز رايونى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.
يەر تەۋرەش ماراكەشتىن باشقا، پايتەخت رابات ۋە كاسابلانكا، مەكنەس، ئاغادىر ۋە فەس شەھەرلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنىدى.