ماراكەشتىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 2862 گە يەتتى

ماراكەشتىكى يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 2862 گە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 2562 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

2036355
ماراكەشتىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 2862 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماراكەش ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 8- سېنتەبىر كەچتە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشكە ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى جامائەتچىلىككە ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، ماراكەشتىكى 7 بال يەر تەۋرەش نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 2862گە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 2562 گە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

9- ئاينىڭ 8- كۈنى كەچتە ماراكەشتە 7 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، يەر تەۋرەش مەركىزى ماراكەشنىڭ ئەلخۇز رايونى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.

يەر تەۋرەش ماراكەشتىن باشقا، پايتەخت رابات ۋە كاسابلانكا، مەكنەس، ئاغادىر ۋە فەس شەھەرلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر