ماراكەشتىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 122 گە يەتتى
ماراكەش ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 8- سېنتەبىر شۇ يەر ۋاقتى 23:10 دە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشكە ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى ھەمبەھرىلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، ماراكەشنىڭ ئەلخۇز رايونىنى مەركەز قىلغان 7 بال يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 2 مىڭ 122 گە ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ 2 مىڭ 421 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ئۈچۈن رايونغا ھەربىي ئاپتوموبىللار ۋە قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرىنى يوللاش داۋاملاشماقتا.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئىتالىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىيو تاجانى ماراكەشكە جىددىي ياردەم تەكلىپى سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئالجىرىيەمۇ ماراكەشكە يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ياردەم بېرىشنى تەكلىپ قىلدى.
ماراكەش بولسا، ئىسپانىيە، ئەنگلىيە، قاتار ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ياردەم تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ماراكەش ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ «ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتىش» ياردەم تەكلىپلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ ماراكەش ئەترەتلىرى بىلەن ماسلاشقان ھالدا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن يەكشەنبە كۈنى ماراكەشكە يېتىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە، ماراكەشنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىق تەكلىپلىرى ۋە تەشەببۇسىدىن مەمنۇن بولغانلىقى ئېلان قىلىندى.