ماراكەشتە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 632 ئادەم قازا قىلدى

ماراكەشتە يۈز بەرگەن 7 بال چوڭلۇقتىكى يەر تەۋرەشتە 296 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.

2035039
ماراكەشتە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 632 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماراكەش دۆلەتلىك گېيوفىزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماراكەشنىڭ  شىمالىدىكى ئەلھۇز رايونىدا 7 بال چوڭلۇقتا، 8 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا  يەر تەۋرىگەن.

ماراكەش ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ماراكەشنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن يەر تەۋرەشتە، ماراكەش، ئازىلال، ئاغادىر ۋە چىچائو شەھەرلىرىدە 632 كىشى قازا قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر