گۇتېررېس: كىلىمات ئاپىتى باشلاندى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق ياز ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا «كىلىمات ئاپىتى باشلاندى» دېدى.

2034164
گۇتېررېس: كىلىمات ئاپىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش كاتىپ گۇتېررېس بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئالىملارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان تاشقاتما يېقىلغۇغا بېقىندى بولۇپ قېلىشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك سەلبىي تەسىرلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتىكى پەۋقۇلئاددە ھاۋارايى ھادىسىلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ مۇنداق دېدى: «يەرشارىمىز ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئىسسىق مەزگىلنى باشتىن كەچۈردى. باشقىچە ئېيتقاندا، يەر شارىمىز تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق يازنى باشتىن كەچۈردى. قىسقىسى، كىلىمات ئاپىتى باشلاندى.»

گۇتېررېس ھاۋانىڭ بارغانسېرى ئىسسىپ كېتىش ھادىسىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھەركەتكە ئۆتۈش ئېھتىياجىنى تۇغدۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا رەھبەرلىرى كىلىمات كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك. بىز ھازىرمۇ كېلىمات كرىزىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يېتىشنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز. بىزنىڭ زىيان تارتىتىدىغان قىلچە ۋاقتىمىز يوق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر