ئامېرىكا ئاشلىق كېلىشىمى ئۈچۈن تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيەنىڭ قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك كۆرسەتكەن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ تۈنۈگۈن (31-ئاۋغۇست) موسكۋادا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاشلىق كېلىشىمىنى يېڭىلاشنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالغانلىقى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.
ئۇ: «تۈركىيە بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيەنى كېلىشىمگە قايتۇرۇپ كېلىش تىرىشچانلىقلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك كۆرسىتىلگەن دىپلوماتىك ۋە ئەمەلىي تىرىشچانلىقلىرى ئۈچۈن، ناتودىكى ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيەگە تەشەككۈر ئېيتىمىز. » دېدى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان موسكۋادا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمى ئۈستىدە توختىلىپ: «دۆلىتىمىزنىڭ تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە، ب د ت يېڭى تەكلىپ لايىھەسى تەييارلىدى. بىز بۇ تەكلىپ لايىھەسىنى قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنى قايتا يولغا قويۇشنىڭ مۇۋاپىق ئاساسى دەپ قارايمىز، تىرىشچانلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇ كېلىشىم ھەم دۇنيا يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى ھەمدە قارادېڭىزنىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقى ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېگەن ئىدى.