دانىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا بىر كىشى قازا قىلىپ، تۆت كىشى يارىلاندى

دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېندا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا، بىر كىشى قازا قىلىپ، تۆت كىشى يارىلاندى.

2029748
دانىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا بىر كىشى قازا قىلىپ، تۆت كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: كوپېنھاگېن ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى پول كجېلدسېننىڭ بىلدۈرىشىچە، نىقابلانغان ئىككى كىشى كىرىستىنا مەھەللىسىدىكى بىر بىناغا قارىتىپ ئوق چىقارغان.

ئۇ ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ جىنايەت شايكىسى بىلەن مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھۇجۇمدا بىر كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، تۆت كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى  ۋە يارىلانغانلاردىن بىرسىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ساقچىلار نىقابلانغان ھۇجۇمچىلارنى تۇتۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر