ۋولودىمىر زېلېنسكىي دانىيەدە زىيارەتتە بولدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي دانىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ «رۇسىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى كۈرەشتە» ئۇكرائىناغا ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

2027499
ۋولودىمىر زېلېنسكىي دانىيەدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت زېلېنسكىي دانىيە پايتەختى كوپېنھاگېندا پارلامېنت ئەزالىرىغا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا: «ئەگەر ئۇكرائىنا (رۇسىيەگە قارشى)  غەلىبە قىلالمىسا، روسىيەگە قوشنا بارلىق دۆلەتلەر تەھدىت ئاستىدا قالىدۇ» دېدى.

زېلېنسكىي ئۇكرائىنانى «زومىگەرلىك» كە قارشى غەربنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە قىممەت قارىشىنى قوغدايدىغان دۆلەت دەپ تەرىپلىدى ۋە  رۇسىيەنىڭ چوڭ ھەربىي كۈچىنى دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ئۇكرائىنانىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە قوراللاندۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

دانىيە تۆت ئايدىن ئالتە ئايغىچە داۋاملىشىدىغان ئۇچقۇچىلارنى تەربىيەلەش خىزمىتى تاماملانغان ھامان ئامېرىكادا ياسالغان 19 دانە F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى يىل ئاخىرىغىچە ئۇكرائىناغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە ۋەدە بەرگەن ئىدى.

زېلېنسكىي تۈنۈگۈن (21-ئاۋغۇست) تېلېگرامما ئادرېسىدا ئېلان قىلغان يازمىسىدا، گوللاندىيە ۋە دانىيەدىن جەمئىي 61 دانە F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئامېرىكا F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئۇكرائىناغا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن گوللاندىيە ۋە دانىيەگە يېشىل چىراغ ياققاندىن كېيىن، زېلېنسكىي گوللاندىيەنى زىيارەت قىلىپ، تۈنۈگۈن دانىيەگە يېتىپ بارغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر