«تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئەڭ ياخشى»
ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاسىممېترىك ئۇرۇشتا ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ داڭلىق گېزىتى تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى بولۇپ، «ئاسىممېترىك ئۇرۇشتا ئەڭ ياخشى» ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.
ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ماختىدى.
ياپونىيەنىڭ داڭلىق گېزىتلىرىدىن «‹نىككېي تۈرك› گېزىتى» دە، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئانالىز قىلىنغان «تۈركىيەنىڭ تىزگىنەكلىك ئۇچقۇلىرىنى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان بايقار گۇرۇھى يەر شارىۋى نوپۇزىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى نىشان قىلماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلىندى.
گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، «تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاسىممېترىك ئۇرۇشتا قىممەتلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى» دېيىلدى.
خەۋەردە تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئېكىسپورت قىلىنىۋاتقانلىقى، بايقار گۇرۇھىنىڭ بۇ ھەقتە 2018 – يىلدىن بۇيان كەم دېگەندە 30 دۆلەت بىلەن كېلىشىم تۈزگەنلىكى، شىركەتنىڭ ئالدىنقى يىلقى ئېكسپورت كىرىمىنىڭ بىر مىليارد دوللاردىن ئاشقانلىقى تەكىتلەندى.