ئۇرۇش رۇسىيە زېمىنىغا گە يۆتكەلدىمۇ؟
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پايتەخت موسكۋانىڭ ئۇچقۇ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
2026255
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، موسكۋانىڭ مەركىزىگە ھۇجۇم قىلغان ئۇچقۇنى ھاۋا قالقان سىستېمىلىرىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
باياناتتا، ئۇچقۇ قالدۇقلىرىنىڭ بىر بىناغا سوقۇلۇپ، بۇزغۇنچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ۋە ھۇجۇم سەۋەبىدىن ھاۋا قاتنىشىدا ئاقساش كۆرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
رۇسىيە ئۇچقۇ ھۇجۇمىغا ئۇكرائىنانىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەيىبلىدى.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەنە، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ بىر سۇ ئاستى ئاپپاراتىنىڭ قىرىم دېڭىز تەۋەلىكىدە ھەربىي پاراخوتلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.
ھۇجۇمنىڭ مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكى، دېڭىز ئاپپاراتىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.