دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قۇرئانغا قىلىنغان ھۇجۇملار ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىدى

دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لارس لوككې راسمۇسسېن پايتەخت كوپېنھاگېندا بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا قۇرئانغا قىلىنغان ھۇجۇملار ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىدى.

2024407
دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قۇرئانغا قىلىنغان ھۇجۇملار ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئالجىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راسمۇسسېن ئالجىرىيەلىك مەنسەپدىشى ئەھمەد ئاتاف بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

سۆھبەتتە دانىيە مىنىستىرى ئالجىرىيەنىڭ كوپېنھاگېندىكى باش ئەلچىخانىسى قاتارلىق بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈشتەك جىنايەت دولقۇنىنىڭ ئەۋج ئېلىشىدىن ئازابلانغانلىقى بىلدۈرۈپ، كەچۈرۈم سورىغان.

مىنىستىر راسمۇسسېن بۇ ھەرىكەتلەرنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مەزكۇر ھۇجۇملارنىڭ دانىيە جەمئىيىتىنىڭ كەڭ قورساقلىق ئەنئەنىسىگە پۈتۈنلەي زىت كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

راسمۇسسېن يەنە ئەھمەد ئاتافقا دانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھۇجۇملارغا خاتىمە بېرىشنى مەقسەت قىلغان قانۇن لايىھىسىگە ئاخىرقى ئۆزگەرتىشلەرنى  كىرگۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ پارلامېنتقا سۇنۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر